ئاۋستىرالىيە رۇسىيەنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

ئاۋستىرالىيە 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش باشلىغان رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە 14 دۆلەت ئورگىنىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1812931
ئاۋستىرالىيە رۇسىيەنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رۇسىيەنىڭ 14 دۆلەت ئورگىنىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىس پېيىن (Marise Payne) ئېمبارگو يۈزگۈزۈلىدىغان 14 ئورگاننىڭ ئىچىدە، كاماز، سېۋماش، رۇسىيە تۆمۈر يوللىرى ۋە بىرلەشمە كېمىسازلىق قاتارلىق رۇسىيە ئۈچۈن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە شىركەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىدە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار نەتىجىسىدە، ئۇكرائىنا بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچەيتىشىنى توسقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بۇ مۇھىم كىرىم مەنبەلىرى بىلەن تۈزۈلىدىغان كېلىشىملەرنى توسۇپ، رۇسىيەگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىمىز ۋە پۇتىننىڭ ئۇرۇشقا ئىقتىساد ئاجرىتىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىمىز» دېگەن.

ئۇ يەنە، ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئۇكرائىنا خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېگەن:

«رۇسىيەنى ئەسكەرلىرىنى ئۇكرائىنادىن دەرھال چېكىندۈرۈشكە چاقىرىمىز.»

ئاۋستىرالىيە ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان پۇتىن بىلەن بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، رۇس ئولىگارخلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 600 گە يېقىن كىشىگە ئېمبارگو يۈرگۈزمەكتە.

ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئۇكرائىناغا 181 مىليون ئاۋستىرالىيە دوللىرى (تەخمىنەن 137.6 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) قىممىتىدە ھەربىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر