زېلېنىسكىي رۇس ئارمىيەسىنىڭ بۇچادا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، بۇچادىكى قىرغىنچىلىقنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «رۇسىيە ئارمىيەسى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدى؟» دەپ سورىدى.

1807198
زېلېنىسكىي رۇس ئارمىيەسىنىڭ بۇچادا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە ئەسكەرلىرى چېكىنگەن بۇچا شەھىرىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، رومىنىيە پارلامېنتىغا خىتاب قىلدى.

بۇچادىكى قىرغىنچىلىقنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان زېلېنسكىي، ئاپتوموبىللارنىڭ تانكىلار تەرىپىدىن ئېزىۋېتىلگەنلىكىنى، بارلىق پاكىتلار بولمىسىمۇ، قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «رۇسىيە ئارمىيەسى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدى؟» دەپ سورىدى.

رۇسىيەنىڭ ئىمكانقەدەر كۆپ كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن زېلېنسكىي: «ئەگەر ئارمىيە ۋە خەلقىمىز ئۆزىنى قوغدىمىغان بولسا ئىدى، رۇسلار خۇددى بۇچادىكىگە ئوخشاشلا ئۇكرائىنانىڭ ھەممە يېرىدە قىرغىنچىلىق قىلغان بولاتتى» دېدى.

ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ بىردىنبىر نىشانى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيەنىڭ ئودېسساغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىن مولداۋىيەگە بىر قەدەم يېقىنلاشماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مولداۋىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش مۇھىم ۋە بۇ تۇنا رايونىنىڭ ھەممىسىدە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

زېلېنسكىي ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە قارا دېڭىز رايونىنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىدا بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 40- كۈنىدىكى باياناتىدىمۇ، ئۇكرائىنادا پۇقرالارنىڭ كۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغانلىقى، قىيىن - قىستاققا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ھەر بىر رۇسىيە پۇقراسى بۇ ئۇرۇش جىنايىتىنى كىملەرنىڭ سادىر قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى پۈتۈن ھەقىقەتتىن خەۋەردار بولىدۇ» دېدى.

دۆلىتىدىكى قىرغىنچىلىقنى كىملەرنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى بېكىتىپ چىقىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكىي، قوللىرىدا تىنچ شەھەرلەرنى ۋەيران قىلغان رۇس ئەسكەرلىرىگە ئائىت نۇرغۇن پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈزلەرچە ژۇرنالىستنىڭ بۇچا ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئازاد قىلىنغان باشقا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈشى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر