ياۋروپا ئىتتىپاقى مارىيۇپولدىكى ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئۇكرائىنانىڭ مارىيۇپول شەھىرىدىكى ئىشخانىسىنىڭ رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1804255
ياۋروپا ئىتتىپاقى مارىيۇپولدىكى ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىدارىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مارىيۇپول شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت بىناسىنىڭ يېقىندا رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدە بىنا ۋە ئۈسكۈنىلەر ئېغىر دەرىجىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

باياناتتا: «بىز بۇ ھۇجۇملارنى، ھەمدە پۇقرالار ۋە مەمۇرىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ھەر قانداق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىز رۇسىيەدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارى ۋە خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇيرۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق قىسىم ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى دەرھال ۋە شەرتسىز چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مارىيۇپول شەھەر باشلىقى ۋادىم بويچېنكو دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، شەھەر رۇسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغاندىن بۇيان، 210 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5000 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر