ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپاغا ئەسكەر ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانى يوللىدى

ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپاغا 400 ئەتراپىدا ئەسكەر ۋە 10 دىن ئارتۇق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتتى.

1804332
ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپاغا ئەسكەر ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، نورۋېگىيەدە مانېۋىرغا قاتنىشىۋاتقان 200 ئەسكەردىن تەركىب تاپقان دېڭىز ئارمىيەسى ھاۋا كونترول قىسمىنى لىتۋاغا يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىربى ھازىر 200 ئەسكەرنىڭ لىتۋانىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «جەنۇبىي كارولىنادىكى باۋفورت بازىسىدىن  دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە 10 دانە « F/A-18 » دەرىجىدىن تاشقىرى ھورنېت ئايروپىلانى بىلەن بىر نەچچە «C-130» ئايروپىلانىنىمۇ شەرقىي ياۋروپاغا يوللىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «مەن ئۇلارنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، ئەمما ئۇلار ئۇ يەرگە يۆتكىلىدۇ ۋە بۇمۇ ئايرىم 200 ھەربىي خادىمدىن تەشكىل تاپىدۇ» دېدى.

كىربى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ ئەتراپىدىكى قىسىملىرىنى قىسقارتىش توغرىسىدىكى باياناتىغىمۇ ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىربى تېمىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ئەتراپىدىكى كىچىك بىر ئەترەتنى چېكىندۈرگەنلىكىنى، لېكىن بۇنىڭ ھەقىقىي چېكىنىش ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىربى: «بۇ بىر كۈچ يۆتكەشتۈر، ھەقىقىي چېكىنىش ئەمەس، بىز رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ باشقا جايلىرىغا تېخىمۇ چوڭ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىغا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. كىيېۋغا بولغان تەھدىت تۈگىگىنى يوق » دېدى.

جون كىربى رۇسىيەنىڭ ھازىرمۇ كىيېۋنىڭ ئەتراپىدا مۇھىم كۈچى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شىمالغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بەشبۇرجەكلىك بىنا يەكشەنبە كۈنى ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە «EA-18G Growler» تىپلىق 6 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولىدىغان 240 ئەسكەرنىڭ گېرمانىيەگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر