كىرياكىدېس: بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كوۋىد-19 يۇقىمى قايتىدىن كۆپەيمەكتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ستېللا كىرياكىدېس كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەردە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1804149
كىرياكىدېس: بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كوۋىد-19 يۇقىمى قايتىدىن كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستېللا كىرياكىدىس ياۋروپا ئىتتىپاقى سەھىيە مىنىستىرلىرى 24 – فېۋرالدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا باشلىغان ئۇرۇشىنىڭ سەھىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مۇزاكىلەشكەن يېغىندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى.

ستېللا كىرياكىدىس ياۋروپا ئىتتىپاقى نوپۇسىنىڭ %72 تىن كۆپرەكىنىڭ تولۇق ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى، %52 تىن كۆپرەكىنىڭ كۈچەيتكۈچى ۋاكسىنا ئۇدۇرغانلىقىنى، ئەمما 100 مىليوندىن ئارتۇق ياۋروپالىقنىڭ تېخىچە ئەملەنمىگەنلىكى ياكى قىسمەن ئەملەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىرياكىدېس بەزى ئەزا دۆلەتلەردە يۇقۇملىنىشنىڭ يەنە ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى، يۇقۇمنىڭ تېخىچە ئاخىرلاشمىغانلىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا ئۆتۈش ئۈچۈن چەكلىمىلەرنى بىكار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئارام ئېلىشقا ئورۇن يوق» دېدى.


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر