جوسېپ بوررېل: رۇسىيەنى بالدۇرراق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازىرىدىن ئايرىپ تاشلاش لازىم

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل رۇسىيەنى دۇنيا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازىرىدىن بالدۇرراق ئايرىپ تاشلاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1804125
جوسېپ بوررېل: رۇسىيەنى بالدۇرراق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازىرىدىن ئايرىپ تاشلاش لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بېلگىيەدىكى ئاقىللار ئامبىرى ياۋروپا تاشقى ئىشلار كېڭىشى (ECFR) تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «گېئوپولىتىكىلىق ياۋروپانىڭ تۇغۇلۇشى» ناملىق سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

ئۇ رۇسىيەدىن ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە 24-فېۋرالدىن باشلاپ ئۇكرائىنادا باشلانغان ئۇرۇشنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ گېئوپولىتىكىلىق خىرىس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ياۋروپانىڭ «يۇمشاق كۈچ» بولۇشتىن «قاتتىق كۈچ» كە ئايلىنىشتا قىيىنچىلىقلارغا تولغان بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ (2014 – يىلى رۇسىيە تەرىپىدىن) قىرىم قانۇنسىز قوشۇۋېلىنغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى، ئەمما ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ئىش؛ رۇسىيەنى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازىرىدىن ئايرىپ تاشلاشتۇر. بۇنى ئىمكانقەدەر تېزراق قىلىشىمىز لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر