بايدىن رۇسىيەنىڭ ئىستانبۇل سۆھبەتلىرىدىن كېيىنكى قەدەملىرىنى كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتى جو بايدىن، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللىرىنىڭ تۈركىيەدىكى سۆھبىتىنى كۆزەتكەنلىكلىرىنى، ۋاشىنگتوننىڭ، موسكۋانىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملىرىگە قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1804164
بايدىن رۇسىيەنىڭ ئىستانبۇل سۆھبەتلىرىدىن كېيىنكى قەدەملىرىنى كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن سىنگاپور باش مىنىستىرى لى شيەنلۇڭ بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

پىرېزىدېنت بايدىن، يىغىندا بىر مۇخبىرنىڭ «(ئۇكرائىنا تەرىپى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەردىن كېيىن) رۇسىيەنىڭ، كىيېۋ ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئەسكەر سانىنى قىسقارتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا قانداق قارايسىز؟ ئۇرۇشنى ئاخىرقى باسقۇچىغا كېلىپ قالدى دەپ ئويلامسىز؟ ياكى رۇسىيە يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى رەتكە سېلىش ئۈچۈن ۋاقىتتىن پايدىلىنىۋاتىدۇ، دەپ قارامسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «(رۇسىيەنىڭ) ھەرىكەتلىرىنى كۆرمىگۈچە، ھېچنېمە دېيەلمەيمەن. ئۇلارنىڭ دېگىنىنى قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۈگۈن تۈركىيەدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. مەنمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتودىكى فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق شېرىكلىرىمىزنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. رۇسلارنىڭ نېمىلەرنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشتىن ئىبارەت ئورتاق تونۇش بار» دېدى.

جو بايدىن رۇسىيەنىڭ تاشلايدىغان قەدەملىرىنى كۆزىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دۆلەتكە داۋاملىق جازا يۈرگۈزىدىغانلىقلىرىنى ۋە ئۇكرائىناغا مۇداپىئە ياردىمى بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئاقساراي، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىئو دىراگى ۋە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون بىلەن تېلېفونلاشقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «رەھبەرلەر رۇسىيەگە ئۇكرائىنادىكى رەھىمسىز ھۇجۇملىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلىتىشنى، شۇنداقلا ناھەق ۋە سەۋەبسىز قوغدىنىشى ئۈچۈن ئۇكرائىناغا بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنى قايتا تەكىتلىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر