بايدىن «پۇتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەسلىكى كېرەك» دېگەن سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ھەققىدىكى «بۇ كىشى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرماسلىقى كېرەك» دېگەن سۆزىدىن قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1803446
بايدىن «پۇتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەسلىكى كېرەك» دېگەن سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ھەققىدىكى «بۇ كىشى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرماسلىقى كېرەك» دېگەن سۆزىدىن قايتمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايدىغانلىقىنى، ئەمما ھېچكىمنىڭ ئامېرىكانىڭ پۇتىننى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جو بايدىن ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ پولشا زىيارىتى جەريانىدىكى «بۇ كىشى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرماسلىقى كېرەك» دېگەن سۆزى ۋە ئارقىدىن ئاقساراينىڭ «بايدىننىڭ سۆزلىرى رۇسىيەدە ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش چاقىرىقى ئەمەس» دەپ بايانات ئېلان قىلىشى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «مەن بۇ سۆزۈمدىن يېنىۋالمايمەن. مەن ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىغا بولغان غەزىپىمنى  ئىپادىلىدىم. مەن ئۇكرائىنالىق ئائىلىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ باياناتنى بەردىم. بۇ يەردە ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىدىم. يەنە كېلىپ مەن بۇ سۆزلەر ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىمايمەن» دېدى.

بايدىن، پۇتىن ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەگەر پۇتىن بۇ يولنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇ پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن بىۋاسىتە ياكى يادرو ئۇرۇشىغا كىرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بايدىن: «مەن بۇ كىشى (پۇتىن)نىڭ قىلمىشلىرىغا بولغان غەزىپىمنى ئىپادىلىدىم.  ئۇنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇم، بىر تىلەكتىن ئىبارەتتى. بۇ خىل كىشىلەر دۆلەتلەرنى باشقۇرماسلىقى كېرەك، ئەمما باشقۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ پۇتىن ھەققىدىكى سۆزىنىڭ دۆلىتىنىڭ سىياسىتىدىكى ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ ئىشارىتى ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەپ، پۇتىننى كۆزدە تۇتقان ھالدا: «ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەسلىكى كېرەك، ناچار كىشىلەر يامان ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماسلىقى لازىم. بۇ بىزنىڭ پۇتىننى قانداقتۇر ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغانلىقىمىزنى كۆرسەتمەيدۇ، ھېچكىم بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر