نىگېرىيەدە يوقاپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلان تېررورلۇق تەشكىلاتى لاگېرىدىن تېپىلدى

نىگېرىيەدە بۇلتۇر راداردىن غايىب بولغان ھەربىي ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى تېرورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ لاگېرىدىن تېپىلدى.

1802547
نىگېرىيەدە يوقاپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلان تېررورلۇق تەشكىلاتى لاگېرىدىن تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا، بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق سامبىسا ئورمىنىدا بوكو ھارامغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تەشكىلات لاگېرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا 2021-يىلى غايىب بولغان ھەربىي ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنىڭ تېپىلغانلىقى ۋە رايوندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بورنو ئۆلكىسىدە 2021-يىلى 31-مارتتا بوكو ھارامغا قارشى ھەرىكەت جەريانىدا ھەربىي ئايروپىلان راداردىن غايىب بولغان ئىدى.

بوكو ھارام يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان شۇنچە ھەرىكەتلەرگە قارىماستىن، ئافرىقىدىكى نوپۇسى ئەڭ زىچ دۆلەت ھېسابلىنىدىغان نىگېرىيەدە ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى پەيدا قىلماقتا.

نىگېرىيەدە 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2009-يىلدىن بۇيان ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە، 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى.

تەشكىلات 2015-يىلدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ چېگرادىكى قوشنىلىرى بولغان كامېرون، چاد ۋە نىگېردىمۇ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. تەشكىلاتنىڭ چاد كۆلى ئويمانلىقىدىكى ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 2000 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

نىگېرىيەدە يۈزمىڭلىغان كىشى تېرورلۇق ھۇجۇمى ۋە توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر