جو بايدىن ۋلادىمىر پۇتىننى «ئۇ بىر قاسساپ» دېدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى «ئۇ بىر قاسساپ» دېدى.

1802496
جو بايدىن ۋلادىمىر پۇتىننى «ئۇ بىر قاسساپ» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن پولشانىڭ پايتەختى ۋاراشاۋادا ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇرۇشتىن پاناھلىق ئىزدەپ كەلگىنىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئاياللار ۋە بالىلار بىلەن پاراڭلاشتى.

ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىلار پۇتىنغا دائىر قارىشىنى سورىغاندا، بايدىن «ئۇ بىر قاسساپ» دەپ تەرىپلىدى.

ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان مۇھىم سىمۋوللۇق جايلارنىڭ بىرى بولغان خان جەمەتى قەلئەسىنىڭ ئالدىدا نۇتۇق سۆزلىدى ۋە پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ «نەچچە ئون يىل داۋاملىشىدىغان ئۇرۇش» تەھدىتىنى پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ پۇتىنغا قارىتا: «خۇدالىق ئۈچۈن بۇ ئادەم ھاكىمىيەتتە تۇرماسلىقى كېرەك» دېدى ۋە رۇسىيە خەلقىگە خىتابەن ئۆزىنىڭ رۇسلارنىڭ «دۈشمىنى» ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ«ۋەھشىيلىك ھەرگىزمۇ ئازادلىق ئارزۇسى ئۈستىدىن غالىب كەلمەيدۇ. ئۇكرائىنا ھەرگىزمۇ روسىيە ئۈچۈن غەلىبە بولمايدۇ» دېدى.

ئاقساراي بايدىننىڭ پۇتىن ئۈچۈن «بۇ ئادەم ھاكىمىيەتتە تۇرماسلىقى كېرەك» دېگەن سۆزىگە  ئىزاھات بېرىپ، بۇنىڭ قانداقتۇر رۇسىيەدە ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىش چاقىرقى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «پىرېزىدېنتنىڭ دېمەكچى بولغىنى، پۇتىننىڭ قوشنىلىرىغا ياكى رايونغا ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىشىگە يول قويۇلماسلىق ئىدى، پۇتىننىڭ رۇسىيەدىكى (سىياسىي) كۈچى ياكى ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدا سۆز قىلمىدى» دېيىلدى.

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى دۇمانىڭ رەئىسى ۋياچېسلاۋ ۋولودىن يازما باياناتىدا، كېسەل ياكى ئاجىز ئادەمنىڭلا بايدىنغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بايدىننىڭ پوزىتسىيەسىنى پىسخولوگلارنىڭ تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋولودىن: «ئامېرىكا پۇقرالىرى پىرېزىدېنتىدىن نومۇس قىلىشى كېرەك. بەلكىم بايدىن كېسەل بولۇشى مۇمكىن، داۋالانسا ياخشى  بولغۇدەك. ئۇ بەختسىز ئادەم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر