ماكرون ئەردوغان بىلەن ئۇكرائىنا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئېممانۇئېل ماكرون بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋە تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى — G7 باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1801610
ماكرون ئەردوغان بىلەن ئۇكرائىنا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە ئۈزۈل -  كېسىل تىنچلىقنى بەرپا قىلىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېممانۇئېل ماكرون بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋە تەرەققىي تاپقان 7 دۆلەت گۇرۇھى — G7 باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭمۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ماكرون، پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن رەھبەرلەر بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۆزىنىڭ 24 - فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قارىتا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى، بۇ كىرىزىسنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەردوغان بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئېممانۇئېل ماكرون، ئىككى دۆلەت رەھبىرى بولۇش سۈپەتلىرى بىلەن، ئۇكرائىنادا، بولۇپمۇ مارىپول شەھىرىدە بىرلەشمە ئىنسانىي ياردەم ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيە رەھبىرى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا رايون مەسىلىلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئېنىقسىزلىقلارنى تۈگىتىش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ماكرون، لىۋىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئاساس قىلىدىغان بىر ئىستراتېگىيەنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر