ئامېرىكا: خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بەرگەنلىكىگە دائىر قولىمىزدا دەلىل – ئىسپات يوق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جەيك ساللىۋان، خىتاينىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش مەسىلىسىدە رۇسىيەگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرمىگەنلىكلىرىنى ياكى قوللىرىدا بۇنداق بىر دەلىل – ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1801113
ئامېرىكا: خىتاينىڭ رۇسىيەگە ياردەم بەرگەنلىكىگە دائىر قولىمىزدا دەلىل – ئىسپات يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساللىۋان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىنمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان «بىخەتەرلىك» تېمىلىق باشلىقلار يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېل سەپىرىدە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا قارىتا پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇكرائىنادا ئىشلىتىشى ئۈچۈن رۇسىيەنى ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى كۆرمىدۇق، ياكى بۇ ھەقتە قولىمىزدا دەلىل – ئىسپات يوق، لېكىن، بىز ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. بېيجىڭ موسكۋاغا ھەربىي جەھەتتىن يادەم بەرگەن تەقدىردە، بۇنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى خىتاي دائىرىلىرىغا ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا بىلدۈردۇق. دەرۋەقە، بۇ مەسىلىدە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەنمۇ پوزىتسىيەمىز ئوخشاشتۇر.»

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر