ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنالىقلارغا يېڭى ۋىزا بېرىشنى باشلىدى

چېخىيە 24-فېۋرال (2022) رۇسىيە باشلىغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇكرائىنادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەر ئۈچۈن يولغا قويۇلغان «مەخسۇس ۋىزا» ئورنىغا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتى سۇنغان ۋىزا بېرىشنى باشلىدى.

1800366
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنالىقلارغا يېڭى ۋىزا بېرىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېخىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇرۇشتىن قاچقان كىشىلەرگە يېڭى ۋىزا بېرىش خىزمەتلىرىنى باشلىدى.

ئىجرا قىلىشقا باشلانغان يېڭى بەلگىلىمە رامكىسىدا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇكرائىنادىن كەلگەنلەرگە بېرىلگەن مەخسۇس ۋىزىلارنىڭ ئورنىغا، مەزكۇر يېڭى ۋىزىنىڭ بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يېڭى ۋىزىنىڭ ئۇرۇشتىن قاچقانلارغا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئەركىن ئايلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، تەخمىنەن 212 مىڭ كىشىنىڭ ۋىزىسىنى بۇ يېڭى ۋىزىغا ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چېخىيە باش مىنىستىرى پېتر فىيالا ئۇكرائىنادىن كەلگەنلەر سانىنىڭ 300 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر