ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئەزىز ناھىيەسىدىكى ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئەزىز ناھىيەسىدە ئېلىپ بارغان مىنامىيوت ھۇجۇمىدا 1 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، 7 پۇقرا يارىلاندى.

1800773
ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئەزىز ناھىيەسىدىكى ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك، سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھەلەبنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۆزىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى مېرانازدىن كىلىسنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان ئەزىز ناھىيەسى مەركىزىگە مىنامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇجۇم نەتىجىسىدە 1 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ناھىيەدىكى بەزى ئۆي – ماكانلار زىيانغا ئۇچرىغان، 7 پۇقرا يارىلانغان، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر