ھىندىستاندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەيدەرئاباد شەھىرىدىكى بىر تاشلاندۇق نەرسىلەر ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1800479
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەيدەرئاباد شەھىرىدىكى بىر تاشلاندۇق نەرسىلەر ئىسكىلاتىدا قىسقا توك يولى سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە ئىسكىلاتتا ئۇخلاۋاتقان 15 ئىشچىدىن 11 ى قازا قىلغان، 4 ى يارىلانغان.