جون كىربى: «رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلماقتا»

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا) نىڭ باياناتچىسى جون كىربى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇ توغرىلىق دەلىل-ئىسپات توپلاش تىرىشچانلىقلىرىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1799547
جون كىربى: «رۇسىيە ئۇكرائىنادا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈستىدە توختىلىپ: «رۇسلار ئۆزلىرى بېكىتكەن نىشانلارنىڭ ئاساسالىق كۆپ قىسمىنى بەلكى ھېچبىرىنى تېخىچە ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ خاركىۋ، مارىيۇپول، چېرنىخېۋ ۋە كىيېۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە كىرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنى تېخىمۇ بەك غەزەپلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇلار بۇ ئاچچىقىنى كۆپلەپ بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق چىقارماقتا» دېدى.

باياناتچى كىربى بومباردىماننىڭ زور بۇزغۇنچىلىق ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ئەلۋەتتە ،رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىغا ئائىت ئېنىق پاكىتلارنى كۆرمەكتىمىز ۋە بۇ ئىسپاتلارنى توپلاش تىرىشچانلىقلىرىغا ياردەم بېرىۋاتىمىز. ئەمما، بۇ بىر تەكشۈرۈش جەريانى بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا» دېدى.

ئاقساراي باياناتچىسى يېن پساكىمۇ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا «سەۋەبسىز ۋە قانۇنسىز ئۇرۇش» باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز رۇسىيەنىڭ پۇقرالارنى قەستەن ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىغا شۇنداقلا ئايرىپ ئولتۇرماستىن قالايمىقان ھۇجۇم قىلغانلىقىغا دائىر ئوچۇق ئىسپاتلارنى كۆرمەكتىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر