كانادادا بامدات نامىزىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئىرقچىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

كانادانىڭ مىسسىسائۇگا شەھىرىدە بىر كىشى دارۇل تەۋھىد جامىسى جامائىتىگە مۇچ گازى پۈركۈپ، پالتا بىلەن ھۇجۇم قىلماقچى بولدى.

1798532
كانادادا بامدات نامىزىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئىرقچىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامە ئىمامى ئىبراھىم ھىندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بىر ھۇجۇمچى قولىدىكى مۇچ گازى ۋە پالتا بىلەن بامدات نامىزىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ئىلگىرى توسۇپ قىلىنغان.

ھىندىي جامە جامائىتىدىن ھېچ كىشىنىڭ يارىلانمىغانلىقىنى، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇركۇلگەن مۇچ گازىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پېل رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر