بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ ئۇكرائىنا ۋە تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىدى.

1798337
بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ ئۇكرائىنا ۋە تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، جو بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشىنىڭ تەشكىل قىلغانلىقىنى، بايدىننىڭ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانى ۋە رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن جازالىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان جەرياندا خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىمەسلىكى توغرىسىدا شى جىنپىڭنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بولسا، شى جىنپىڭنىڭ، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىرغانلىقى،  خىتاينىڭ بىر تەرەپلىمە جازا يۈرگۈزۈشلەرگە قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى تىنىچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن سۆھبەتلىشىشكە ۋە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن شى جىنپىڭنىڭ، ئامېرىكا بىلەن ناتونى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن  رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى ھەل قىلىشقا چاقىرغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، شى جىنپىڭ، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ ئامېرىكادىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياقلايدىغان كۈچلەرگە خاتا ئۇچۇرلارنى بەرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى خاتا مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر