بلىنكېن مۇتەخەسسسىلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ پاكىتلىرىنى توپلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە دائىر پاكىتلارنى توپلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1797664
بلىنكېن مۇتەخەسسسىلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ پاكىتلىرىنى توپلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، 24 - فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ ئۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مارىيپول شەھىرىدىكى بىر تىياتىرخانىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى، نان سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە ساقلاۋاتقان كىشىلەرنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى، دوختۇرخانىلار، پۇقرالار بىنالىرى ۋە مەيدانلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «مەن بۇ كارتىنالارنى كۆرگەنلىرىمىزىنىڭ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. بىز رۇسىيەنىڭ (سۈرىيەنىڭ) ھەلەب شەھىرىگە كىرىشتىن ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاكتىكىلارنى قوللانغانلىقىنى كۆردۇق. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بومباردىمان قىلىشنى كۈچەيتتى» دېدى.

ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئالدىنقى كۈنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ: «مەن شەخسەن قوشۇلىمەن، پۇقرالارنى قەستەن ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئۇرۇش جىنايىتىدۇر» دېدى.

شۇنچە ئېغىر ۋەيرانچىلىقلاردىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ئۇ يەردە ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىدىن باشقا بىرەر يەكۈن چىقىرىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بلىنكېن، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە پۇقرالار جەمئىيەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ پاكىتلىرىنىڭ توپلىنىشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مۇتەخەسسىسلىرىمىز ئۇكرائىنادا سادىر قىلىنغان بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇش جىنايى قىلمىشلىرىنى باھالاش ۋە خاتىرىلەش باسقۇچىدا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر بلىنكېن يەنە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ئۈچ ھەپتىلىك ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ھېس قىلىنغانلىقىنى، يېمەكلىك تەننەرخىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى ھەمدە دۇنيانىڭ يېمەكلىك ۋە يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىنىش ئەندىشىسىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر