موسكۋا بايدىننىڭ پۇتىننى «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ ئاتىشىغا ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ ئاتىدى.

1796944
موسكۋا بايدىننىڭ پۇتىننى «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ ئاتىشىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقسارايدا بىر مۇخبىرنىڭ «سىلەر، يۈز بەرگەن شۇنچە كۆپ ئىشلاردىن كېيىن پۇتىننى ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئاتاشقا تەييارمۇ؟» دېگەن سوئالىغا، «ياق> دەپ جاۋاب بېرىپ زالدىن چىقىپ كەتتى. كېيىن زالغا قايتقان بايدىن، پۇتىننى  كۆزدە تۇتقان ھالدا «ئۇ بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن توغرىسىدىكى سۆزىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۇنيا مىقياسىدا يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ ئامېرىكانىڭ بومبىلىرىدا ئۆلگەنلىكىنى، شۇڭا «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ بۇ خىل سۆزلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە كەچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر