رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ %40 نىڭ ئۇرۇش قابىلىيىتىنى يوقىتىپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئۇكرائىنا ھۇجۇم قىلىۋاتقان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ %40 نىڭ، ئۇرۇش قابىلىيىتىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ياكى پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1796333
رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ %40 نىڭ ئۇرۇش قابىلىيىتىنى يوقىتىپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئۇرۇش توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارنى بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنا زېمىنلىرىغا كىرگەن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ %40 نىڭ كۈچىنى يوقىتىپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، 2022-يىلى 15-مارتتىن باشلاپ ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا ئاتالمىش ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ %40 ئەتراپىدىكىسى يوقىتىلدى. پۈتۈنلەي يوقىتىلدى ياكى ئۇلار ئۇرۇش قابىلىيىتىنى يوقاتتى.»

باياناتتا، يېقىنقى بىر كۈن ئىچىدە ئۇكرائىنانىڭ چېرنوباۋكا رايونىدىكى ئۇرۇشتىلا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يەتتە تىك ئۇچارىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات دوكلاتىدا: «رۇسىيە ئۇكرائىنادا يوقىتىپ قويغانلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق زاپاس قىسىملار بىلەن تولدۇرۇشقا تىرىشماقتا. رۇسىيەنىڭ يوقاتقانلىرىنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە، ئۇكرائىنانىڭ ئىزچىل قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قارشى ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرۇشتا قىينىلىۋاتقانلىقى ئېھتىمال» دېيىلدى.

دوكلاتتا، رۇسىيەنىڭ ئىشغال قىلىغان ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى قولىدا تۇتۇشى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنىڭ قىيىن بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر