كانادا رۇسىيەگە قارشى قوشۇمچە ئېمبارگولارنى ئېلان قىلدى
كانادا ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك 15 ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
1796429
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا يەنە، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنستىرى ماكسىم رېشېتنىكوۋ ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دمىترىي گرىگورېنكو قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك 15 ئەمەلدارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى.
كانادا ھۆكۈمىتى 2014-يىلى رۇسىيە قىرىمنى يۇتۇۋالغاندىن تارتىپ 900 دىن ئارتۇق كىشى ۋە ئورگانلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى.