تۆتىنچى «كوۋىد – 19» ۋاكسىناسى شەرت»

ئامېرىكا دورا شىركىتى پىفىزېرنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دوكتور ئالبېرت بورلا «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى تۆتىنچى ۋاكسىنانىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1795335
تۆتىنچى «كوۋىد – 19» ۋاكسىناسى شەرت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بورلا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، «كوۋىد – 19» ۋاكسىناسىنى ھەر يىلى خۇددى تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىناسىغا ئوخشاش ئەملىتىش كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچىنچى كۈچەيتكۈچى ۋاكسىنا ئارقىلىق قوغدىنىش ئەسلىدە دوختۇرخانىدا يېتىش ئەھۋاللىرى ۋە ئۆلۈملەرگە نىسبەتەن خېلى ياخشى، ئەمما ھازىر تۆتىنچى كۈچەيتكۈچ ۋاكسىنا شەرت.»

«كوۋىد – 19» ۋاكسىنالىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشتا ئۈنۈملۈك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن بورلا،  «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ ئومىكروننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ۋارىيانتلىرىغا قارشى كەم دېگەندە بىر يىل ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر