شولز بىلەن ماكرون پۇتىندىن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە رۇسىيەدىن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

1793355
شولز بىلەن ماكرون پۇتىندىن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە يېقىن بەزى مەنبەلەر، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلىشىپ،  ئۇنىڭدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلىگىرى سۈردى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ماكرون بىلەن شولز ئۇكرائىنادىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ ھەر قانداق چارىسىنىڭ ئۇكرائىنا - رۇسىيە سۆھبەتلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۈچ رەھبەرنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۆزئارا قويۇق ئالاقە قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر