رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رېئايە قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا شەھەرلىرىدىكى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش كارىدورى ئېچىلغان رايونلاردا ئۇرۇش توختىتىشقا ئەمەل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1792951
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رېئايە قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك كونترول مەركىزى باشلىقى مىخايىل مىزىنتسېۋ، پايتەخت موسكۋادا ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش مۇساپىسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنادا «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋەزىيىتى ناچارلاشقان بولغاچقا»، بىر قىسىم شەھەرلەردىن پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، مەزكۇر رايونلاردا 13 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورى ئېچىلغانلىقىنى، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بۇ يەردە ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش ھازىرغىچە رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنماقتا» دېدى.

مىخايىل مىزىنتسېۋ، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش توغرىسىدا نامۇۋاپىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، شۇڭا تارقاقلاشتۇرۇش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ 24-فېۋرالدىن بۇيان 45 مىڭ بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 179 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئۇكرائىنادىن رۇسىيەگە تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر