ناتو رۇسىيەنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ: «ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ بىر ئۇرۇش جىنايىتى» دېدى.

1792857
ناتو رۇسىيەنىڭ «ئۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ ئوتتاۋا بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيەنى ياۋروپانىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ئاچقان ئۇرۇشىنىڭ خەلقئارا قانۇن، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىۋاتقان خەلقئارا تەرتىپكە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ستولتېنبېرگ، پۇتىنغا چاقىرىق قىلىپ: «ئۇرۇشنى توختات، ئەسكەرلىرىڭنى چېكىندۈرۇپ، دىپلوماتىيەگە قايت» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ بىر ئۇرۇش جىنايىتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پۇتىننىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە «بىپەرۋالارچە قىلىنغان خەتەرلىك تەھدىت» دەپ باھا بەرگەن باش كاتىپ: رۇسىيە، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى بولىدىغانلا بولسا، ناتونىڭمۇ يادرو كۈچىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر