ئۇكرائىنانىڭ 5 شەھىرىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى

رۇسىيە ئۇكرائىنادا پايتەخت كىيېۋنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 شەھەردە پۇقرالارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن موسكۋا ۋاقتى 10:00 دىن ئېتىبارەن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1792118
ئۇكرائىنانىڭ 5 شەھىرىدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىندى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تەۋە مۇداپىئە باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ باياناتىدا، ئۇكرائىنا شەھەرلىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پۇقرالار ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «رۇسىيە 9-مارت موسكۋا ۋاقتى 10:00 دىن ئېتىبارەن ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى تەسىس قىلىشقا تەييار» دېيىلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ، چېرنىگىۋ، سۇمى، خاركىۋ ۋە مارىيوپول شەھەرلىرىدە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورىنىڭ تەسىس قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

ئۇكرائىنا تەرەپكە مەزكۇر ياردەم كارىدورلىرىنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى بېكىتىش توغرىسىدا موسكۋا ۋاقتى 03:00 گىچە كېلىشىم ھاسىل قىلىش تەكلىپى سۇنۇلغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، تارقاقلاشتۇرۇش جەريانىدا بېكىتىلگەن لىنىيەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ تەمىنلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر