مالىدا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى
مالىدىكى بىر گارنىزونغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 27 ئەسكەر قازا قىلدى، 33 ئادەم يارىلاندى.
1790233
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى ئارمىيەسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان موندورو رايونىدىكى بىر گارنىزوننىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى؛ ۋەقەدىن كېيىن ئەسكەرلەر بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 27 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 33 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ۋەقەدە يەنە، 7 ئەسكەرنىڭ غايىب بولغانلىقى، 70 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
مالى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ۋەقە سەۋەبىدىن 3 كۈنلۈك مىللىي ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.