بايدىن: تاجاۋۇزچى ئۇرۇشنى تاللىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننى «تاجاۋۇزچى ئۇرۇشنى تاللىدى» دېدى ۋە بۇنىڭ بەدىلىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1784922
بايدىن: تاجاۋۇزچى ئۇرۇشنى تاللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئالەم ۋە تېخنولوگىيە تەتقىقاتلىرىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقلىرىنى، ئېھتىمالى بولغان ئىنتېرنېت تور ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكادىكى بارلىق مۈلۈكلىرىنىڭ توڭلىتىلىدىغانلىقىنى، رۇسىيە شىركەتلىرى ۋە ئارمىيەسىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ھەرىكەتلىرىنىڭ توسىلىدىغانلىقىنى، دوللار، ياۋرو ۋە يېن بىلەن رەسمىيەت بېجىرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «شەرقىي چېگرادا ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى قوغداشنىمۇ داۋاملاشتۇرىمىز، ناتونىڭ ھەر بىر غىرىچ يېرىنى قوغدايمىز» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنئالا پىلانلانغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «پۇتىن تاجاۋۇزچى ئادەم، ئۇ ئۇرۇشنى تاللىدى» دېدى.

ئۇ ئۆزىدىن سورالغا سوئالغا: «پۇتىن ئىمپېراتورلۇق قۇرۇشنى خالايدۇ، سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلىرى ئىتتىپاقىنى تىرىلدۈرۈشنى خالايدۇ» دېدى ۋە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن سورالغان «پۇتىننى نېمە توختىتالايدۇ» دېگەن سوئالغا كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇنىڭغا ۋاقىت لازىم» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ «پۇتىنغا ئېمبارگو يۈرگۈزەلەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرمىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر