پىرېزىدېنت بايدىن رۇسىيەنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «رۇسىيەنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

1783380
پىرېزىدېنت بايدىن رۇسىيەنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتالمىش ​​دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە لۇگانسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ رايوننى ئىگىلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بايدىن: «بۇ تاجاۋۇزچىلىقنىڭ باشلىنىشى. پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلدى. رۇسىيە يەرشارىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ» دېدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، ۋاشىنگتوننىڭ رۇسىيەنىڭ 2 چوڭ پۇل-مۇئامىلە شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ۋە پۇتىنغا يېقىن كىشىلەرگىمۇ جازا يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن: «ئەگەر رۇسىيە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ناھايىتى ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدۇ ۋە بىز جازالارنى ئېغىرلاشتۇرىمىز» دېدى.

جو بايدىن ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتىنىڭ  يوقلۇقىنى، ئەمما شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو زېمىنلىرىنى قوغدايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سانىنىڭ كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇكرائىنانى مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئەڭ ناچار ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يەنىلا ۋاقىت بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر