پۇتىن رۇسىيەنىڭ دونېتسك بىلەن لۇخانسكنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن: «رۇسىيە پارلامېنتى دونېتسك ۋە لۇخانسكنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدۇ. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس تارىخىي جەھەتتىن رۇسىيەنىڭ بىر پارچىسىدۇر» دەپ بايانات قىلدى.

1782726
پۇتىن رۇسىيەنىڭ دونېتسك بىلەن لۇخانسكنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 21-فېۋرال كەچتە خەلققە خىتاب قىلىپ نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنىڭ رۇس زېمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تارىخىي جەھەتتىن رۇس ئىمپېراتورلۇقىنىڭ بىر پارچىسى بولغان جايلارنى باشقىلارغا بېرىۋىتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما ھەقىقەتنى سۆزلەش كېرەك. ھازىرقى ئۇكرائىنا رۇسىيە تەرىپىدىن قۇرۇلدى. ئۇكرائىنانى سىرتقى كۈچلەر باشقۇرۇۋاتىدۇ، مۇھىم قارارلارنى غەربلىكلەر بېرىۋاتىدۇ، خەلق ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا پەقەت قوشنىلا ئەمەس، بەلكى رۇسىيە تارىخىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ بولسا يولداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، «دونباستىكى ھۇجۇم» نىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا، مەسئۇلىيەتنىڭ ئۇكرائىنادا بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«غەرب بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز. ئەمما، تەلەپلىرىمىز ئورۇنلىنىشى كېرەك.»

ئۇ خەلققە خىتاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن كېيىن، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رۇسىيەپەرەستلەرنىڭ نامدىكى ھۆكۈمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارنامەلەرنى ئىمزالاپ، تەستىقلىنىشى ئۈچۈن پارلامېنتقا ئەۋەتتى.

ھەر بىرى بەش ماددىلىق قارارنامەلەردە، پۇتىننىڭ رۇسىيە ئارمىيە قىسىملىرىغا، دونېتسك ۋە لۇخانسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىدە تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرگەنلىكى تەكىتلەندى.

پۇتىن يەنە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغىمۇ نامدا دونېتسك ۋە لۇخانسك بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈش پەرمانىنى چۈشۈردى.

مەزكۇر قارارنامەلەرنىڭ ئىمزالانغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر