بايدىن-پۇتىن كۆرۈشۈشى ئۈچۈن، ئۇكرائىنا ئىشغال قىلىنماسلىقى شەرت

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئۆزئارا كۆرۈشىدۇ.

1782354
بايدىن-پۇتىن كۆرۈشۈشى ئۈچۈن، ئۇكرائىنا ئىشغال قىلىنماسلىقى شەرت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئېلسى سارىيى پىرېزىدېنت ماكروننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن ۋە پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ماكروننىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا، بايدىن بىلەن پۇتىن ئوتتۇرىسىدا ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغانلىقى، ئىككى رەھبەرنىڭ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يىغىن كۈنتەرتىپىنىڭ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ 24-فېۋرالدىكى ئۇچرىشىشىدا تەييارلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يۇقىرىدىكى يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، ماكروننىڭ بارلىق تەرەپلەر بىلەن يىغىن كۈنتەرتىپىنى تەييارلاشقا تىرىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر