جو بايدىن بۈگۈن دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ بۈگۈن دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى چاقىرىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1781578
جو بايدىن بۈگۈن دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «پىرېزىدېنت بايدىن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى داۋاملىق كۆزەتمەكتە ھەمدە دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتى تەرىپىدىن ئۇ يەردىكى ۋەقەلەر ھەققىدە قەرەللىك ۋاقىپلاندۇرۇلماقتا. (دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتى) رۇسىيەنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى جەزملەشتۈردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بايدىننىڭ مۇئاۋىنى كامالا خاررىسنىڭ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى» دائىرىسىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن پساكى: «پىرېزىدېنت چۈشتىن كېيىن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بايدىن جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى، ۋاشىنگتوننىڭ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كىيېۋغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر