بايدىن: پۇتىن ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى قارار قىلغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1781381
بايدىن: پۇتىن ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، رۇسىيە قوللاۋاتقان كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى ۋە ئۇ بۇ كۈچلەرنىڭ دونباستىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۇكرائىناغا ئارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭمۇ ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە ئۇچۇر بۇلغاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بايدىن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن توقۇغان باھانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە ئۇكرائىنا ۋە بېلارۇسىيە چېگراسى ھەمدە قارا دېڭىزدا 150،000 ئەسكىرى بارلىقىنى تىلغا ئالغان بايدىن: «بىزنىڭ رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە ئاساسىمىز بار. بىز يەنە، 2 مىليون 800 مىڭ بىگۇناھ خەلق ياشاۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋنىڭ ھۇجۇم ئوبېيكتى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

بايدىن بىر مۇخبىرنىڭ: «پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشنى قارار قىلغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟» دېگەن سوئالىغا «شۇنداق، مەن پۇتىننىڭ بۇنى قارار قىلغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى قانۇنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان بايدىن: «ئەگەر رۇسىيە پىلانىنى يولغا قويسا، بۇ بىر پاجىئە بولىدۇ، ھەمدە سايلامنى ئاساس قىلغان كېرەكسىز بىر ئۇرۇش بولىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ناتونىڭ ھەر بىر سانتىمېتىر يېرىنى قوغداشقا تەييار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئۇكرائىناغا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ دۆلەتكە مۇداپىئە ياردىمى بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «غەرب ئىتتىپاق ئورناتتى ۋە ئىرادىسى قەتئىي. ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلسا، ئۇنى قاتتىق جازالاشقا تەييارمىز. مەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەنكى، رۇسىيەنىڭ يەنىلا دىپلوماتىيەنى تاللاش پۇرسىتى بار، بەك كېچىكىپ كەتمىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر