سۈرىيەنىڭ باب ناھىيەسىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى باب ناھىيەسىدە ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1780247
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق تېررورىزمدىن تازىلانغان باب ناھىيەسى مەركىزىدە، فاتىمە زەھرا جامەسى ئەتراپىدا ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان يەرلىك خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ھۇجۇمنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ئىكەن.
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى باب ناھىيەسى، «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، 2017 – يىلى فېۋرال ئېيىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلانغانىدى.