پارىژدا بىر كىشى ساقچىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ساقچىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان كىشى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1778259
پارىژدا بىر كىشى ساقچىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، پارىژدىكى شىمالىي پويىز ئىستانسىسىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 ئەتراپىدا بىر كىشىنىڭ پىچاق بىلەن ساقچىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دارمانىن ھۇجۇمچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قاتناش مىنىستىرى جېن باپتىست دجېببارى «RMC» رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا، ۋەقەنى ھازىرچە تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ باھالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، ساقچىىنىڭ ھۇجۇم قىلغۇچىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم پىچاقنى تاشلىشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پىچاقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر ئىكەنلىكى، پىچاقنىڭ ئۈستىگە ساقچىلارغا ھاقارەتلىك سۆزلەرنىڭ يېزىلغانلىقى قەي قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر