ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىللىرى جازالار توغرىسىدا بەس - مۇنازىرە قىلىشتى

رۇسىيە بىلەن خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سىرتىدا قارار قىلىنغان بىر تەرەپلىمە جازالار (ئېمبارگولار)نىڭ تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1775111
ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىللىرى جازالار توغرىسىدا بەس - مۇنازىرە قىلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىن چاقىرىپ، جازالارنىڭ تەسىرى، ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىملىق ۋەكىلى دىمىترىي پوليانسكىي يىغىندىكى سۆزىدە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جازا يۈرگۈزۈش قارارلىرىنىڭلا قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پوليانسكىي، بىر تەرەپلىمە جازانىڭ تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ خىل جازالار ئارقىلىق سۈرىيە، بېلارۇسىيە، كۇبا، ۋېنېزۇئېلا، ئىران، ئافغانىستان ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۈنمۇ بىر تەرەپلىمە جازا يۈرگۈزۈش قارارلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشە مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىر تەرەپلىمە جازا يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جازالارغا زەھەرلىك چېكىملىككە خومار بولۇپ قالغاندەكلا خومار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي ئەلچىسى جاڭ، بىر تەرەپلىمە جازالارغا خاتىمە بېرىلىشى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى جازالىرىنىڭمۇ ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى جازالىرىنىڭ شىمالىي كورېيەدە ئېغىر ئىنسانىي كىرىزىسلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق دائىمىي باش ئەلچىسى لىندا توماس گرىنفىلد خىتاي باش ئەلچىسىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، شىمالىي كورېيەدىكى ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ دۆلەتنىڭ ئۆز خاتالىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شىمالىي كورېيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىشتىكى بىردىنبىر توسالغۇنىڭ خەلقئارا جازالار ئەمەس، بەلكى پيوڭياڭنىڭ چېگراسىنى تاقىۋېلىشىنىڭمۇ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

لىندا توماس گىرىنفىلىد يەنە، ئامېرىكانىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئوخشاش كۆپ تەرەپلىك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ جازالارنى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بىراق، خەۋپسىزلىك كېڭىشى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، چىرىكلىك، يادرو قورالسىزلىنىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقتىن، بىر تەرەپلىمە جازا قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر