فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر دۇكانىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى

فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بون ئېنكونترە شەھىرىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر دۇكانغىا ئوت قويۇپ بېرىلدى.

1770723
فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر دۇكانىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ «La Depeche» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بون ئېنكونترە شەھىرىدىكى دۇكانغا ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئوت قويۇپ بېرىلگەن ۋە تامغا ناتسىستلارنىڭ سىمۋولى بولغان كىرېست سىزىپ قويۇلغان. نويابىردا ئېچىلغان دۇكاننىڭ ئىچى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەن، ئەمما يارلىنىش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن.

ساقچىلار ۋەقەنىڭ ئوت قويۇپ بېرىش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋەقە سەۋەبىدىن دۇكاندا ئىشلەيدىغان 3 كىشىنىڭمۇ ئىشسىز قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

رادىكال سولچى «بويۇن ئەگمەس فىرانسىيە ھەرىكىتى» نىڭ پارلامېنت ئەزاسى ماتىلدې پانوت تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «يەنە ئوخشاش مېدىيا ۋە ئوخشاش سىياسىئونلار تەرىپىدىن مۇسۇلمانلارغا قارىتا نەپرەت تارقىتىلماقتا» دېدى.

فىرانسىيەلىك يازغۇچى ۋە سىياسىيون توماس پورتېزمۇ تىۋىتتېر ھېسابىدىكى باياناتىدا، «بۇ ئىرقچىلىق ھۇجۇملىرى تولىمۇ قورقۇنچلۇق ۋە سادىر قىلغۇچىلار چوقۇم قاتتىق جازالىنىشى كېرەك. ئاشقۇن ئوڭچىلارنىڭ ئىدىيەلىرىنىڭ قەيەرلەرگە يېتىپ كەلگەنلىكى ئېنىق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر