بۇركىنا فاسو پىرېزىدېنتى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

بۇركىنا فاسودا ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان پىرېزىدېنت روچ كىرىستىيان كابورې ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1767834
بۇركىنا فاسو پىرېزىدېنتى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  كابورې، ئۆز قولى بىلەن دۆلەتتە يېڭى قۇرۇلغان يېڭى ھەربىي ھۆكۈمىتىگە خىتابەن يازغان مەكتۇبىدا، يەكشەنبە كۈنىدىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كابورېنىڭ مەكتۇبى، ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەندى.

بۇركىنا فاسودا يەكشەنبە كۈنى باشلانغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسلىرىدىن كېيىن، تۈنۈگۈن كەچتە ئۆزلىرىنى  «ئازادلىق ۋە دۆلەت تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەتەنپەرۋەرلەر ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان بىر گۇرۇپپا ئەسكەر، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى، تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئىككىنچى بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنگە قەدەر، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ تاقاق ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى، ھەمدە جاي يەر ۋاقتى 21.00 دىن 05.00 گىچە كوچىغا چىقىشنىڭ مەنئىي قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر