ئامېرىكادا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ جېرسېي ئىشتاتىدىكى بىر خىمىيەلىك ماددا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بىر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى يارىلاندى.
1763076
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ جېرسېي ئىشتاتىنىڭ پاسساك شەھىرىدىكى خىمىيەلىك ماددائىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى 11 گە يۈكسەلدۈرۈلدى.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، 45 توننىدىن ئارتۇق تەييار خىلور زىيانغا ئۇچرىغان.