سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەزىز ناھىيەسىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئەزىز ناھىيەسىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1762125
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەزىز ناھىيەسىدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىلىسنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئەزىز ناھىيەسىدە ئاپتوموبىلغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر كىشى يارىلاندى.

ھۇجۇمنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ھۇجۇمنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر