8 دۆلەت ب د ت غا بولغان قەرزى سەۋەبىدىن ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى

ئىران ۋە ۋېنېزۇئېلانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 دۆلەت قەرزلىرى سەۋەبىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى.

1762006
8 دۆلەت ب د ت غا بولغان قەرزى سەۋەبىدىن ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ ب د ت غا بولغان قەرزى يېقىنقى 2 يىلدا تۆلىگىنىدىن كۆپ بولسا، بۇ دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى توختىتىلىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى پاۋلىنا كۇبىياك، ب د ت غا ئەزا 11 دۆلەتنىڭ تەشكىلاتقا بولغان قەرزىنى تۆلەشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى، بۇ دۆلەتلەردىن 8 ىنىڭ تۈنۈگۈندىن باشلاپ  ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان دۆلەتلەر ئىران، ۋېنېزۇئېلا، سۇدان، كونگو، گىۋىنېيە،  پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى، ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا ، ۋانۇئاتۇ قاتارلىق ئەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىران ئالدىنقى يىلىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بولغان 65 مىليون دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنى تۆلەشنى كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان ۋە ئەڭ تۆۋەن چەك بولغان 16 مىليون دوللار تۆلەش ئارقىلىق تەكرار ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنىدى.

ئىران، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «قانۇنسىز ئېمبارگولىرى» سەۋەبىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بولغان  قەرزىنى تۆلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئىراننىڭ تەكرار ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلىشى ئۈچۈن 10 مىليون دوللاردىن ئارتۇق، ۋېنېزۇئېلانىڭ بولسا 39.8 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل تۆلىشىگە توغرا كېلىدۇ.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەئىر خاتىبزادە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇدا ئىككى يىلدىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رەسىمسىزلەرچە ۋە قانۇنسىز ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن، دۆلىتىمىز قەرزلىرىنى تۆلەشتە قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر