ئامېرىكا بىلەن ب د ت قازاقىستاندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى «تىنچلىنىش»قا چاقىردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قازاقىستاندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى «تىنچلىنىش»قا چاقىردى.

1757981
ئامېرىكا بىلەن ب د ت قازاقىستاندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى «تىنچلىنىش»قا چاقىردى
stephane dujarric.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قازاقىستاندىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى «تىنچلىنىپ»، «ئاساسىي قانۇن ئورگانلىرىغا ھۆرمەت قىلىش»قا چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتوننىڭ زوراۋانلىقنى ۋە مال-مۈلۈككە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان پرايس، باياناتىدا: «بىز ھەم ھۆكۈمەت ھەمدە نامايىشچىلارنى تىنچلىنىشقا چاقىرىمىز.  پۈتكۈل قازاقىستان خەلقىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تايانچقا ئىگە ئورگانلىرىغا، كىشىلىك ھوقۇققا ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە ئۇلارنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا، ھەر قايسى تەرەپلەرنى بۇ جىددىي ئەھۋالغا تىنچ ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، نامايىشلار باش كۆتۈرۈپ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان قازاقىستاندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى سوغۇققانلىقنى ساقلاپ، زوراۋانلىقتىن ساقلىنىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك، قازاقىستاندىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەندىشە ئىچىدە يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

قازاقىستاننىڭ غەربىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ 2 – يانۋار (2022) باشلانغان نامايىشلار، دۆلەتلەرنىڭ باشقا جايلارغىمۇ كېڭەيدى.

ئاممىۋى قالايمىقانچىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن نامايىشلار جەريانىدا خەۋپسىزلىك  كۈچلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەردى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ساقچى ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ، ھۆكۈمەت بىنالىرىغا كىرگەن نامايىشچىلارغا ئاۋاز بومبىسى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، نامايىشلارنىڭ جاۋابكارى دەپ كۆرسەتكەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلدى.

نامايىشلارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن كېيىن پايتەخت نۇرسۇلتان، ئالمۇتا شەھىرى ۋە مانگىستاۋ ئۆلكىلىرىدە ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەت قارارىنىڭ پۈتۈن قازاقىستان مىقياسىدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر