ب د ت لىۋىيەدىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفاننى ۋىللىيامىس ئۆتكۈنچى باسقۇچتا لىۋىيە تەرەپتە تۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1758256
ب د ت لىۋىيەدىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىللىيامىس، پايتەخت ترابلۇستا لىۋىيەلىك سىياسىي دائىرىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ، 2.8 مىليون لىۋىيەلىكنىڭ سايلاملاردا ئىرادلىرىنى ئوتتۇرىغا ئوقوش ئىستەكلىرىنى نامايەن قىلغانلىقىنى، ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ سايلام ئارقىلىق ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيە خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىۋىيەدىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ ئادىل شەكىلدە تاماملىنىشى ۋە مىللىي مۇرەسسەچىلىك مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشكە ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفاننى ۋىللىيامىس، تۈنۈگۈن لىۋىيە ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئىماد ئەسسايىھ بىلەن كۆرۈشۈپ، لىۋىيەدە سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى توغرۇلۇق سۇنۇلغان تەكلىپلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر