ب د ت ھىندونېزىيەنىڭ مۇساپىرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى، ھىندونېزىيەنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمان مۇساپىرلار كېمىسىدىكىلەرنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا يول قويۇشىغا يۇقىرى باھا بەردى.

1755176
ب د ت ھىندونېزىيەنىڭ مۇساپىرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، ئىنسان ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ ھەر دائىم ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

باياناتتا، كېمىدىكى 50 نەپىرى ئايال، 47 نەپىرى كىچىك بالا، 8 نەپىرى ئەر كىشى بولۇپ جەمئىي 105 كىشىنىڭ ھىندونېزىيە تەرىپىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىرىلىشىغا يۇقىرى باھا بېرىلدى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ھىندونېزىيە ۋەكىلى ئانتونىي بىلىنكېن مايمان: «خەتەر ئاستىدىكى كېمىدىكىلەرنىڭ دەرھال قۇرۇقلۇققا چىقىرىلىشىغا ئاسانچىلىق تۇغدۇرۇپ، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنسانىي مەجبۇرىيەتتۇر» دېدى.

ھىندونېزىيە دائىرىلىرى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، بىرېئۇئېن بازىرى ئەتراپىدىكى مۇساپىرلار كېمىسىدىكىلەرگە ئىنسانپەرۋەر مۇئامىلە قىلىپ، قۇرۇقلۇققا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

تاراتقۇلار، مەزكۇر كېمىنىڭ 26 – دېكابىر ئاچې شەھىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆرۈلگەنلىكى، ئىچىدە 60 ئايال، 51 كىچىك بالا ۋە 9 ئەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر