گېرمانىيە ئۇرۇش پاراخوتى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا كىردى

گېرمانىيەگە ئائىت بىر ئۇرۇش پاراخوتى ئارىدىن 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا كىردى.

1747858
گېرمانىيە ئۇرۇش پاراخوتى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى، سىنگاپورغا قاراپ يولغا چىققان «بايرېن» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قوغدىغۇچى پاراخوت، 2002-يىلدىن بۇيان بۇ رايوندىن ئۆتكەن تۇنجى گېرمانىيە ئۇرۇش پاراخوتى ھېسابلىنىدۇ.

ياۋروپانىڭ تاشقى سودىسىنىڭ 40 پىرسەنتى بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بېرلىن دائىرىلىرى، گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئورتاق سودا يولى پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر