ئاۋىستىرالىيە ئامېرىكا بىلەن ھەر يىلى يۈز مىليون «mRNA» ۋاكسىناسى ئىشلەپچىقىرىدۇ

ئاۋىستىرالىيەنىڭ كوۋىد-19 غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، ئامېرىكا دورىگەرلىك شىركىتى «Moderna» بىلەن ھەر يىلى يۈز مىليون «mRNA» ۋاكسىناسى ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1747126
ئاۋىستىرالىيە ئامېرىكا بىلەن ھەر يىلى يۈز مىليون «mRNA» ۋاكسىناسى ئىشلەپچىقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى سكوت موررىسون باش مىنىستىرلىقنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ۋىكتورىيە ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن «Moderna» نىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى سايىسىدا، 2024-يىلدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى يۈز مىليون «mRNA» ۋاكسىناسى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇئەسسەسەنىڭ ۋىكتورىيە ئىشتاتىدا قۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

باش مىنىستىر سكوت موررىسون «mRNA» ۋاكسىناسىنىڭ يۇقۇم جەريانىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىلمىي بايقاش ئىكەنلىكى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شۇڭا بىز ئاۋستىرالىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يالغۇز كوۋىد-19 غىلا قارشى ئەمەس، باشقا نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگىمۇ قارشى بۇ خىزمەتلەرنى قىلىش (يەنى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش) مۇئەسسەسەلىرىگە ئىگە بولۇشنى  خالىدۇق» دېدى.

ۋىكتورىيە ئىشتاتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جېيمىس مېرلىنو: «بۇ پەقەت ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشقىلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، مەيلى ھازىرقى ۋىرۇس ۋارىيانتلىرى بولسۇن، مەيلى كەلگۈسىدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولسۇن، بۇنىڭدىنمۇ ھالقىغان ھالدا، راكنى داۋالاشقا ۋە كەم ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا پايدىلىق بىر مۇئەسسەسە بولۇپ قالغۇسى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر