ئامېرىكا سۇدانغا  1996-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم باش ئەلچى تەيىنلىدى

ئامېرىكا سۇداندا مەسلىھەتچى سەۋىيەسىدىكى دىپلوماتىك ۋەكىللىكىنى باش ئەلچىلىك سەۋىيەسىگە چىقاردى.

1739694
ئامېرىكا سۇدانغا  1996-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم باش ئەلچى تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SUNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دىپلومات جون گودفرېي ئامېرىكانىڭ خارتۇمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئۈزۈلگەن 1996-يىلدىن بۇيان تەيىنلەنگەن ئامېرىكانىڭ خارتۇمدا تۇرۇشلۇق  تۇنجى ئامېرىكا باش ئەلچىسى گودفرېي بولغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتتا ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولغان گودفرېي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋيېنادىكى ئۆمىكى، ئىراق، لىۋىيە ۋە سۈرىيە ئەلچىخانىلىرىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر