ياۋروپا ئىتتىپاقى ساياھەت تىزىملىكىنى يېڭىلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ھىندونېزىيەنى «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلۇۋاتقان ساياھەت چەكلىمىسىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە ئىلاۋە قىلدى.

1735726
ياۋروپا ئىتتىپاقى ساياھەت تىزىملىكىنى يېڭىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە مەجبۇرىي بولمىغان ساياھەتلەر ئۈچۈن يولغا قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىلەرنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەۋسىيە قىلىنغان دۆلەتلەر تىزىملىكى يېڭىلانغان.

يېڭىلانغان زىتىملىككە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئارگېنتىنا، ئاۋىستىرالىيە، بەھرەيىن، كانادا، چىلى، كولۇمبىيە، ھىندونېزىيە، ئىيوردانىيە، كۇۋەيت، نامبىيە، يېڭى زېلاندىيە، پېرۇ، قاتار، رىۋاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان، جەنۇبىي كورېيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئۇرۇگۋاي ۋە تەيۋەنگە قارىتا ساياھەت چەكلىمىلىرى بىكار قىلىنىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت قىلىشىغا يول قويغان تەقدىردە، خىتايغىمۇ چېگرالار ئېچىۋېتىلىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭىلانغان ۋە ھىندونېزىيە ئىلاۋە قىلىنغان تىزىملىكى، ئەزا دۆلەتلەرگە مەسلىھەت بېرىش خاراكتېرلىك بولۇپ، چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئەمەس ئىكەن، تىزىملىك ​​ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم يېڭىلىنىدىكەن.

 

تىزىملىكتىكى دۆلەتلەردىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ساياھەتكە بارغىلى بولسىمۇ ، ئەمما يولۇچىلارغا تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىش قاتارلىق قوشۇمچە تەدبىرلەرمۇ قوللىنىلىدىكەن.

تىزىملىكتىن ئورۇن ئالمىغان دۆلەتلەرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ ساياھەت چەكلىمىسى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، 2020-يىلى مارتتا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەجبۇرىي بولمىغان ساياھەتلەرگە چەكلىمە قويۇشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر