ئامېرىكا ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1735583
ئامېرىكا ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويىد ئاستىن، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ مۇددىئاسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى، ھەمدە رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە سىز تەكىتلەۋاتقان ئىككى مەسىلە بار. بىرى، ئۇكرائىنا چېگراسىغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش، يەنە بىرى، رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىغا ئۆزى زەربە بېرىش ھەرىكىتى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھازىرقى بىخەتەرلىك مۇھىتىغا تۆھپە قوشمايدۇ ۋە بىزنى قاتتىق ئەندىشىگە سالىدۇ، شۇڭلاشقا، بىز رۇسىيەنى تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ئۇكرائىنا چېگراسىغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئوچۇق – يورۇق بولۇشقا چاقىرىمىز.»

ئۇ، ئۇكرائىنا چېگراسىغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياۋروپادا  تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى گېنېرال تود ۋولتېرس بىلەن داۋاملىق كۆرۈشۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە، بىز پۇتىننىڭ مۇددىئاسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمىز.»

ئاستىن، ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى قايتا-قايتا تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىغا ئۆزى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى سۈنئىي ھەمراھلار ئۈچۈن مۇھىم تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا قوراللىنىش پائالىيەتلىرىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر